歌词
VERSE:1
ئوخشىماس ئادەملەردە ئوخشىماس نۇرغۇن دىلبا،
ھازىرقى بىزلەر مانا ئامراق كەنمىز پۇلغا.
ئۇستۇمدىكى قۇياش نۇرى قەلبىمگە چۈشمىسە،
ساختا دەيمىز رومكىدىكى شۇ كۆڭۆلنى ئېشمىسە.
ئۇزاق بۇلدى يۈرۈگۈمدىن ھەقىقى كۈلمىگىنى،
ھەممىدىن ئەڭ ياخشىكەن بەزى ئىشنى بۈلمىگىنى.
ئەزەلدىنلام باشقىلارنىڭ ئىشلىرى بىلەن كارىم يوق،
چۈشەندىم ھەممىنى بۈلدۈم مۇھەببەتكە رايىم يوق.
بەلكىم ماڭا بەرگەن مۆھلەت قۇياشنى كۆر گۆنۈم،
توغرا بۇلىدۇ جەزمەن ئۆزۆمنىلام سۆيگۈنۈم،
بىلسەڭ مەن تىخى ئۆزۆمنى قەتتى يوقوتۇپ قۇيمۇدۇم.
ئۈمۈدسىزلىك يىراق تۇرغىن مەنتېخى ياشاپ تويمۇدۇم،
مەيلى مەندىن يېراقلاسسۇن يىنىمدىكى ئادەملە،
ھامىنى كىرەك بۇلدۇ ئادەم دىگەن ئادەمگە.
ئەينەكتىكى ئۆزۆمدىن مىھرى مۇھەببەت كۆرۆنمەيدۇ،
ئۆزۈمدىن باشقىسى ھاياتلىقىمدىن سۆيۆنمەيدۇ.
HOOK:1
كۈتكەن كۈنلەر كەلمىدى كۈتمىگەن كۈنلەر كىلىپ،
ئۆتۆپكەتتى ئازاپ دىگەن تەستەككە بىرنى سىلىپ.
ئۆتمۈشتىكى تارىخلار ھازىرقى مىنى ياراتتى،
ئۆتمۈش تىكى خاتالىقنى يۈرەك يۈزۈمگە سالاتتى.
VERSE:2
مەنمۇ بىر ئاددى ئادەم رازى ئەمەس ھەممىدىن،
شۇڭا دەردىمنى ئىلىۋاتىمەن ھاراق دىگەن نەرسىدىن.
ئىي دۇنيا كۆڭلۆمگە كەلدى نۇر ئىشلار بۈلمۈدۈڭ،
قەلبىمگە چىراق ئاستىم يورۇق لۇقنى كۆرمىدىم.
بۇ ھەققىدە ئويلىغىنىم كۆپ ئەمدى يېتەر بولا،
چۈنكى بۇ ئەگرى يولدا خاتالىقىم تولا.
ئىشەن مەيتى باشقىلار مىنىڭ ئىتقان سۆزلۈرۈمگە،
شۇ بىر قاتار ئاچچىق سۆزلەر سانجىلاتتى يۈرۈگۈمگە.
ئەينى ۋاقىت يۈرۈگۈمگە پۈتكەن سەبى ئارمانلىرىم،
ئەمدى ئىزدەپ تاپالمىدىم شۇ ئارمانغا دەرمانلىرىم.
ھەر كىچىسى قېنايدۇ يۈرەكتېكى يارا،
چۈنكى قىنىق سۈرگەلگەن يۈزلۈرۈمگە قارا.
باش كۆتۆرۆپ يۈرەلمەيتىم تەڭ تۈش لىرىم ئارا،
چۈنكى مەندىكى بۇ يارىغا تىپىلمايتى دورا.
ئەمدى شۇ گۇناھ بىلەن تۈگۈشەي بارا-بارا،
ئۇقۇشماستىن ئۆز-ئۆزۆمگە كولاپ قويدۇم ئورا.
HOOK:2
كۈتكەن كۈنلەر كەلمىدى كۈتمىگەن كۈنلەر كىلىپ،
ئۆتۆپكەتتى ئازاپ دىگەن تەستەككە بىرنى سىلىپ.
ئۆتمۈشتىكى تارىخلار ھازىرقى مىنى ياراتتى،
专辑信息
1.SOZUM