歌词
مەن قاچان چوڭ بولىمەن
سۆزى مۇزىكىسى : خەلق
مەن قاچان چوڭ بولىمەن،
يارىم بىلەن تەڭ بولىمەن.
يار سۆزىگە سۆز قايتۇرۇپ،
يار دەردىگە دەرمان بولىمەن.
گۈلمىدى غۇنچەمىدى،
يارىم سېنىڭ بېشىڭدىكى.
ئا كېچىلەپ تونالمىدىم،
كىملەر ئېدى قېشىڭدىكى.
ئامرىقىم چىرايلىقىم،
كەتسەڭ يىراققا نە قىلاي.
ساڭا ئۈگەنگەن كۆڭۈلنى،
ئەمدى كىمگە خار قىلاي.
ناز ئېتەر كىملەرگە گۈل،
قېشىدا بۇلبۇل بولمىسا.
كىم بىلەر قەدىڭنى يارىم،
دەتمەن كۆڭۈللەر بولمىسا.