歌词
يىراق تۇر مەندىن مۇھەببەت ، يولۇمغا پۇتلاشما ،
يىراق تۇر مەندىن مۇھەببەت دىلىمغا چاپلاشما ،
سەن ئازاب بىلەن قولداشما ،ئامراقمۇ ياكى گولداشقا
يىراقتۇر مۇھەببەت قىسمىتىڭ ئېغىر كەلدى بۇ ياشقا .
خىيال شىرىن شاتلىق ئىدى ، رېئاللىق ئاچچىق بولدى .
كۈيلىگىنىم پاكلىق ئېدى يۈرەككە تارتوق ئويۇلدى
سۆيۈملۈكۈم تاتلىق ئىدى ، بېرىشكەن ئۆمۈرلۈك قولنى
ئاتام رازى بولدى تىلەپ قۇرۇتما غولنى باسقىن يولنى .
دىماقتا بەخت ھېدى تاپقىنىم سۆيگۈمنىڭ ئىدى .
قول قاپارغۇچە تىرىشتىم ، جۈپتۈم قەلەم قاشلىق بولدى .
كارد،
ئىشەنچىمنىڭ ئېزىلدى بۇرنى، تەقدىرىم بېسىپ سولنى
يۈزىگە چاپلاپ قوڭنى ، پۇلدار باشلىققا ياتلىق بولدى ،
ياخشى ئويناپتۇ رولنى ، بوش قويماپتۇ دوستلورۇمنى
نابۇت قىلىپ ئويامنى قەرىزگە پاتورۇپ قوياننى
كېرىپ زۇۋاننى چىشلەپ قولامنى تىللاپ شولامنى تىغلاپ بوياننى
كۆرگۈڭ بارمۇ دۇنيا يېغلاپ ھەسرەتتە قان قۇسقاننى
ئاتام ئالەمدىن ئۆچتى، ئۆتكۈزۈپ ناكەس تويامنى
مەرىكىگە بۇيرۇغان چارۋا ، نەزىرلىك قىلىپ سۇيالدى .
ئارزۇــ ئارمانىم بەربات يۈرەك نەپرەت بىلەن توياندى
ئاقىل بىباھا كۆرگەن مۇھەببەت جاۋابسىز ئۇيالدى…
ئەزرائېل كەل، قوينۇڭغا ئالمىنى
سەۋەبىنى مەن قىلاي بەرگىن زەھەرلىك ئالمىنى
ئېلىپ كەت يانار تاغقا ئوتلۇرۇڭغا سالمىنى
ئاھۇ زارىغاپەرۋاسىز قامچىلا يالغۇز قالغان لالمىنى
يىراقتۇر، مەندىن مۇھەببەت ، يولۇمغا پۇتلاشما ،
يىراقتۇر،مەندىن مۇھەببەت دىلىمغا چاپلاشما ،
سەن ئازاب بىلەن قولداشما ،ئامراقمۇ ياكى گولداشقا
يىراقتۇر مۇھەببەت قىسمىتىڭ ئېغىر كەلدى بۇ ياشقا .
يىراقتۇر، مەندىن مۇھەببەت ، يولۇمغا پۇتلاشما ،
يىراقتۇر،مەندىن مۇھەببەت دىلىمغا چاپلاشما ،
سەن ئازاب بىلەن قولداشما ،ئامراقمۇ ياكى گولداشقا
يىراقتۇر مەندىن مۇھەببەت
كونا يول، كوناقاۋاق ،كوناجاي، كونا ھاراق
كونارومكا كونا پاسۇن تەمى ئاچچىق قىرتاق
كوناتەم كونەپەم كونا باھا كونا يارماق
كوناكەپە ھەمراھ كونا ئاياغ كونا تاغاق
كەيپىم تۇتتى ، شەيتىنىم ئۇتتى ئاغرىقى چىقتى باشقا، كىم بار جاندىن جاھاندىن تويغان تەلۋىنى توساشقا، ئېرىشتىم قوللاشقا، تەييارلان دوستۇڭغا يوللاشقا
ھەمراھىم بولدى ھاراق، تاماكا تەيىنلەندى قولداشقا
ھاياتتىن سۆز ئاچما ، دىققەتنى چاچما ، رىتىمغا كۆنۈپ كەتتىم ،
دۇنيانىمەڭ پاكىز ، نېمەڭ ، پاك زادى نېمەم كەم . خەقتىن ؟
ئارزۇـ ئارماننى قويۇپ كەتتىم سىناقلىرىڭغا توياپ كەتتىم
ئېچىشقان يەرگە تۇز سەپتىم، سېسىق ھاياتنى ئوياپ كەتتىم
يىراقتۇر، مەندىن مۇھەببەت ، يولۇمغا پۇتلاشما ،
يىراقتۇر،مەندىن مۇھەببەت دىلىمغا چاپلاشما ،
سەن ئازاب بىلەن قولداشما ،ئامراقمۇ ياكى گولداشقا
يىراقتۇر مۇھەببەت قىسمىتىڭ ئېغىر كەلدى بۇ ياشقا
يىراقتۇر، مەندىن مۇھەببەت ، يولۇمغا پۇتلاشما ،
يىراقتۇر،مەندىن مۇھەببەت دىلىمغا چاپلاشما ،
سەن ئازاب بىلەن قولداشما ،ئامراقمۇ ياكى گولداشقا
يىراقتۇرمەندىن مۇھەببەت
专辑信息
1.Yirak tur