歌曲 / 歌词

Kel janan

Yaqupjan QasimListen on Apple Music

歌词

كەل جانان
سېغىنىش قىينايدۇ قەلبىمنى مىسكىن
تەلمۈرۈپ تەلپۈنۈپ يۈرىمەن غەمكىن
مۇھەببەت ئوتىدا كۆيۈپ كۈل بولسام
ئارمانلار باغرىنى ئاچىدۇ بەلكىم
كىچىدە مەڭزىمنى سۆيگەن مەيىن شامالدا
جانانىم چىن سۆيگۈڭنىڭ شوخ نىداسى بار
ياپراقلار تىلىدىن ئىشقىمنى ياد ئەت
ئاي بوينىدا سۆيگۈمىزنىڭ تىل تۇمارى بار
كەل جانان كۆڭۈللەر سۆيگۈمىزدىن يايرىسۇن
مېھرىمىزدىن چىرايلىق سۆيگۈ گۈلى رەڭ ئالسۇن
چېھرىمىزدىن شەپەقنىڭ ئىزى ئۆچمىسۇن
سۆيگۈ بېغىمىزدىن باھار ھىدى يۈتمىسۇن
سېغىنىش قىينايدۇ قەلبىمنى مىسكىن
تەلمۈرۈپ تەلپۈنۈپ يۈرىمەن غەمكىن
مۇھەببەت ئوتىدا كۆيۈپ كۈل بولسام
ئارمانلار باغرىنى ئاچىدۇ بەلكىم
كىچىدە مەڭزىمنى سۆيگەن مەيىن شامالدا
جانانىم چىن سۆيگۈڭنىڭ شوخ نىداسى بار
ياپراقلار تىلىدىن ئىشقىمنى ياد ئەت
ئاي بوينىدا سۆيگۈمىزنىڭ تىل تۇمارى بار
كەل جانان كۆڭۈللەر سۆيگۈمىزدىن يايرىسۇن
مېھرىمىزدىن چىرايلىق سۆيگۈ گۈلى رەڭ ئالسۇن
چېھرىمىزدىن شەپەقنىڭ ئىزى ئۆچمىسۇن
سۆيگۈ بېغىمىزدىن باھار ھىدى يۈتمىسۇن

更多歌手作品

专辑信息

Kel janan →
  1. Kel janan