歌词
ھايات
ناخشىدا :مەريەمگۈل يۈسۈپ
ئاكوردلاشتۇرغۇچى : پەرھات ئوبۇلھەسەن
تېكىستىنى ئۆزلەشتۈرگۈچى : مەھمۇدجان خوجا ئۈمىدۋار
گاھى ياشىم بولۇپ كېلەرسەن،
گاھى سابا كەبى سۆيەرسەن،
مېنى نې كويلارغا سالارسەن،
مەندىن نېمە ئىستەيسەن، ھايات ‎؟
خازان بولدى ياشلىقنىڭ باغى،
ئاتەشمۇ سەن‎؟ گۈلخانمۇ ياكى‎؟
چوڭايماقتا يۈرەكنىڭ چاكى،
مەندىن نېمە ئىستەيسەن، ھايات ‎؟
ئەمدى ئۇ يار ماڭا بېگانە،
ئۇ بىر چۆچەك، يا بىر ئەپسانە،
بىھۇدىلا قىلما دىۋانە،
مەندىن نېمە ئىستەيسەن، ھايات ‎؟
ئىككى مەرتە بىر ئوتتا يانماق،
يۈز رەت ئۆلمەك بۇندىن ئاسانراق،
رەڭگىمنى كۆر، سۈرىتىمگە باق،
مەندىن نېمە ئىستەيسەن، ھايات ‎؟
مۇھەببەتتىن راسا تويغانمەن،
ئۆزۈمنى ھەم ئۇنتۇپ قالغانمەن،
يېنىپ - يېنىپ ئادا بولغانمەن،
مەندىن نېمە ئىستەيسەن، ھايات ‎؟
كۈل ئۈستىدىن چوغ ئىزدىمە، قوي،
ئۇ ئىشق يەنە كۆرسەتمەسكەن بوي،
باغرىمنى ئەز، كۆزلىرىمنى ئوي،
مەندىن نېمە ئىستەيسەن، ھايات ‎؟
人生
有时候你像我的眼泪一样,
有时你会像萨巴一样爱我。
你想把我怎么样?
人生,你想要我什么?
青春的花园都凋零了,
你是篝火还是火舌?
心里的疼不停的变大,
人生,你想要我什么?
现在那个情人对我来说是孤独的,
那是一个童话或者是一个神话。
不要在昏迷中做乞丐,
人生,你想要我什么?
两次受到爱情的打击,
死一百次也比这容易。
看看我的容颜,看看我的照片,
人生,你想要我什么?
我已经受够了爱情,
自己都不认识自己了。
我慢慢的把你也忘掉,
人生,你想要我什么?
你不要在灰上找火,
那段爱情已经不再显示自己了。
你要折磨我的心,弄瞎我的眼睛,
人生,你想要我什么?
专辑信息
1.Hayat (人生)