歌词
يالۋۇرمايمەن
ئاتا ئانىدىن ئايرىلىپمۇ ياشايدۇ ئادەم
ھەي بىۋاپا سەن بولمىساڭ ياشىيالمامتىم مەن
ئاتا ئانىدىن ئايرىلىپمۇ ياشايدۇ ئادەم
ھەي بىۋاپا سەن بولمىساڭ ياشىيالمامتىم مەن
كىتەر بولساڭ يول ئۇچۇق كىتىۋەرمەمسەن
مەن سىنىڭدىن ئايرىلغانغا ئۆلۈپ قالمايمەن
كىتەر بولساڭ يول ئۇچۇق كىتىۋەرمەمسەن
مەن سىنىڭدىن ئايرىلغانغا ئۆلۈپ قالمايمەن
مۇزىكا
ھەجەپمۇ بىر ئايرىلدىم دەپ ھەسرەت چەكمەيمەن
كەتمىگىن دەپ قوللۇرۇڭغا ئېسىلىۋالمايمەن
ھەجەپمۇ بىر ئايرىلدىم دەپ ھەسرەت چەكمەيمەن
كەتمىگىن دەپ قوللۇرۇڭغا ئېسىلىۋالمايمەن
يەنە ماڭا يېلىنىپ كىلىدۇ دىمە
ئۇندا كۈندىن بەك يىراق بەك يىراقتىمەن
يەنە ماڭا يېلىنىپ كىلىدۇ دىمە
ئۇندا كۈندىن بەك يىراق بەك يىراقتىمەن
مۇزىكا
تالاي جاپا مۇشەققەتكە چىدىغان بىلەن
پاك سۆيگۈمنى خار قىلساڭ چىدىمايمەن
تالاي جاپا مۇشەققەتكە چىدىغان بىلەن
پاك سۆيگۈمنى خار قىلساڭ چىدىمايمەن
بۇ ئۆمرۈمدە يارسىز قېلىپ ئۆلۈپ كەتسەممۇ
بىلىپ قويغىن ساڭا ئەسلا يالۋۇرمايمە مەن
بۇ ئۆمرۈمدە يارسىز قېلىپ ئۆلۈپ كەتسەممۇ
بىلىپ قويغىن ساڭا ئەسلا يالۋۇرمايمەن
بىلىپ قويغىن ساڭا ئەسلا يالۋۇرمايمە مەن
专辑信息