歌词
بۈلەلمىدىم، كۆنەلمىدىم ساڭا نۇرغۇن سۆزلەرنى دىيەلمىدىم
سەن يوق ئاشۇ كىچىلەردە يالغۇزلىقتا ئۆتەلمىدىم
كىچىلىرى تاڭ ئاتمىغان كۈندۈزلىرى بەك ئۇزۇن،
ئىككىمىزنىڭ بارلىقىنى ئىلىپ كەتكىنى شۇ قۇيۇن
تىرشتىم سەن ئۈچۈن چىدىغان مەن چىشنى چىشلەپ
كىچە كۈندۈز سىغىنساممۇ ئاسماندىكى ئاينى ئەسلەپ
ھازىر سەن يوق يىنىمدا، ئامالىم يوق ئۆزەمنى بەزلەپ
چۈشلىرىمگە كىرىپسە، خىيامدا كۈلۈمسىرەپ
سىغندىم ھىس قىلدىم ئاشۇ ئىللىق تۇيغۇنى
بەخىتلىكلا ھىساپلايتتىم سەن بىلەنلا ئۆزەمنى
رىئاللىقتن چەتنەپ كەتتىم يۈرەكتە قالدى سۆزلۈرۈم
ئويلاشتىنمۇ قورقىمەن، يۇمۇلۇپ قالسا كۆزلۈرۈم
ئۆزۈم تەنھا يالغۇز، ھەممە نەرسە يىراقلاشتى
ناتۇنۇشلار بۇ كىچىدە كىملەر كىمگە چىراغ ياقتى
ئاينىڭ نۇرى چۈشكەن، سۈرەتلەمۇ غۇۋالاشتى
يىرتىق پەردە ئاخىرلاشتى، ھەمكارلىقمۇ توختىدى
Hook
سەن يوق يىنىمدا، قالدىم ئۆزۈم يالغۇز،
سەن يوق يىنىمدا، ھەمراھ ماڭا يۇلتۇز
سەن يوق يىنىمدا، ئۈمۈدلەرنى بەرمىدىڭ
شۈنچە يالۋۇرۇپ ئۆتۈنسەممۇ لىكىن سەن قايتىپ كەلمىدىڭ
V2
ئۆز ئۆزەمگە دەيمە ئۇنى ئۇنتۇش بەك تەسمۇ
ئايرىلىپ بولۇپ ھەتتاكى ئالغىم كەلمەيتتى نەپەسمۇ
كۆز ئالدىمدىن سىمايىڭ بىر بىرلەپلا ئۆتكەندەك
ھىس قىلاتتىم شۇ تۇيغۇدىن سەن ماڭا كۈلگەندەك
ئىنتىلدىم ساقلىدىم تەلمۈرۈش ئاسانمۇ
سەن قارىماي كەتكەن بىلەن مەن سەۋدالىقتا ساراڭمۇ
تاشلىنىشقا كۆنەپ قالدىم ساقىيىپ قالدى ياراممۇ
دەتلىرىمنى يۇتىۋەتتىم، قۇياش نۇرى پارلامۇ
يالغۇز كىچە ھەمراھ بولدى ماڭا سەندىنمۇ بەك ئۇزۇن
يالغۇزلۇققا كۆنەلمىدىم، ئۈستەل ئالدىدا بىر سورۇن
توشتۇۋەتتىم زەھەرنى ئىچىمدىكىنى پاكىزلاپ،
يىراقتىكى ئايغا قاراپ، ئۆز ئۆزەمنى ئازاپلاپ
چۈشەندىم سىنىڭ توغرا بولدى ئەمدى يىتەر
ياشلىرىممۇ قۇرۇپ كەتتى ئىقىپ يەرگە سىڭەر
قوللۇرۇمدا گۈل دەستە، كۆرۈنمەستە ئىمدىلىكتە
يۈرەك پارە ئاۋۇ زارە، بولۇپ قالسۇن ئەسلىمە
专辑信息
1.Yalghuz