歌词
سىنى دىدىم
كەلمەي باھار زىمىستان ئارا
بولدى قىسمەت تۈنلەردە قارا
قىلدى ھىجران يۈرەكنى يارا
سىنى دىدىم سىنىلا
ۋىسالىڭغا تەشنا مەن نىگار
ئۆتتى تۈنلەر ئۇيقىدىن بىدار
كۆرىشەرمىز قاچاندا دىدار
سىنى دىدىم سىنىلا
ئالمىشاركەن يىللارنىڭ پەسلى
جۈپجۈپ ئىكەنغۇ قۇشلارمۇ ئەسلى
كەلمەي ئەجەپ سۆيگۈنىڭ پەيتى
سىنى دىدىم سىنىلا