歌词
گۈلزار ( Gulzar )
يۇلتۇز ، يېڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن !
بۇ ناخشامنى يەنىلا سىزگە بېغىشلايمەن .....
« بۈيۈك كائىنات دۇنياسى ،
مېھىر-مۇھەببەت بىلەن تېخىمۇ گۈزەلدۇر !»
_ _[ كائىنات ]
yeh , yeh , come on !
يولىڭىزغا زار-زار ،
بولدۇم سىزگە ئىنتىزار ،
چىن يۈرەكتىن پاك مېھىردىن سۆيىمەن سىزنى گۈلزار .
سىز بولسىڭىز دۇكان-رەستە،
مەن بولىمەن قايناق بازار ،
يۇلتۇز بولسىڭىز مەن كائىنات ، بەرمەيمەن سىزگە ئازار .
سىزنى شۇنچە ياخشى كۆرگەچ ، ئۇشبۇ رەپنى يۈرەك يازار .
ئوخشىتارمەن سىزنى گۆھەرگە ، [ كائىنات ] كاننى قازار .
گەر بولسىڭىز « سىرلىق ئارال »، مەن بولىمەن ئېكىنزار .
يۇلتۇز بولۇڭ ماڭا گۈلزار مەن ، بولايچۇ رىتسار ! RiTSAR
تەلپۈنىمەن كۆك ئاسمانغا مەن . جەنۇپتا سىز شىمال ،
تىمتاس كىچە ئەتراپىمدا چىقماقتا لەرزان شامال .
ئارلىق يىراق بولسىمۇ گەرچە تاپىمەن چارە-ئامال ،
يۈرەكلىرىڭىز سىپىل-قەلئە بولسىمۇ قىلىمەن قامال .
تەكلىماكان ۋە تەڭرىتاغلار ھازىر بىزنى ئايرىپ تۇرسىمۇ ،
قەلبىمىز گويا بىر دېڭىز باغلىنىدۇ رىشتىمىز .
يامغۇر ياكى قارلاردا ،
خۇشاللىق ۋە قايغۇلاردا ،
ئايرىلمايلى بىز ھەرۋاقىت باھار ياكى قىشتىمىز .
گۈلزار سىزنى كۆپ ئەسلەيمەن ئەتىگەندە سەھەردە ،
ئۈرۈمچى ، قەشقەر ، ئاقسۇ ، ئالتاي بولسام ھەربىر شەھەردە .
قولۇمنى ھەرگىز قويۇۋەتمىسىڭىز مەغلۇبىيەت زەپەردە ،
تۇراي مەنمۇ ۋەدەمدە ،
باسقان ھەربىر قەدەمدە ،
ئاخىرغىچە بىللە ئۆتسەك《ھايات》ناملىق سەپەردە .
بىر يىل بولدى سىمايىڭىز يازغان ھەربىر ئەسىرىمدە ،
شېئىر-قوشاق ، ماقال-تەمسىل ھەتتا كىچىك نەسىرىمدە .
شۇنىڭ ئۈچۈن قىزىقتىڭىز كۆرسەتكەن شۇ تەسىرىمدە ،
ساقلايمەن سىزنى بىرئۆمۈر فانتازىيە قەسىرىمدە !
ئۇچۇرىڭىز توختىمايدۇ ، كوت-كوت( QQ )ياكى ئۈندىدار ،
ئۇزاق بولدى كۆرۈشەلمىدۇق بوپ كەتتىڭىز كەم دىدار .
سىزنى دائىم ئويلاپ تۇرىمەن كىچە ئۇيقۇدىن بىدار ،
كام ئۇيقۇ ۋە سېغىنىش ئىلكىدە بۇ يۈرۈكۈم قانداق چىدار ؟
ھازىر جەمىيەت بۇزۇلۇپ كەتتى ئوغۇللا ھەم قىزلا ،
شۇنداق بولسىمۇ تۈزەش ئۈچۈن قالدۇرۇۋاتىمەن ئىزلا .
ھەممە نەرسەم تولۇق مېنىڭ كام بوپ قالغىنى سىزلا ،
كۆرگۈم كەلسىمۇ ساقلاپ تۇرىمەن ئۇچۇرشىمىز تىزلا !
ئىتىزدا ئىشلەپ ئۇسساپ قالسىڭىز پىچىپ بىرەي توڭ تاۋۇز ،
پويىز شوپۇرى ھوشىدىن كەتسە ھەيدەپ كىلىمەن پاراۋۇز .
ئۆزگىرىمەن چىنتۆمۈرگە ،
ئۇچراپ قالسىڭىز ئەگەردە ،
يەتمىش ياشلىق ، قاپقارا قاشلىق ، يەتتە باشلىق يالماۋۇز !
بۈگۈن مانا يىڭى بىر يىل ئۈچىنجى ئەسەر يىزىلدى ،
كۆڭۈل سۆزۈم ناخشام ئىچىگە مارجان كەبى تىزىلدى .
تىزىۋەتكەن قاپىيەلەر مۇھەببەتتىن قىزىلدى ،
گۈلزار چوقۇم ناخشامنى ئاڭلاپ يۈرەكىڭىز ئىزىلدى ....
سول قولۇمغا ئالدىم تېلىفۇن ئوڭ قولۇمغا قەلەمنى ،
چۆرۈۋەتتىم مەن كەينىمگە قايغۇ ، ئازاپ ، دەرت-ئەلەمنى .
سىز بولغاچقا ئۈچ ئەسەرنى زەنجىرسىمان چاتتىم ،
فانتازىيە دېڭىزىغا مەن ئۆزۈمنى ئاتتىم !
مەن يەرشارى ، سىز ئاي شارى ئوربىتامنى ئايلىنىڭ ،
« سىرلىق ئارال » ئوردىمىزدۇر خانىش بولۇپ سايلىنىڭ .
مەن پاسىبان سىز خانىش ،
سىز ئەقىللىق مەن دانىش ،
نىمە ئۈچۈن يازدىم ،
ئوقۇدۇم رەپنى سىز چوقۇم ياخشى ئويلىنىڭ ،!!؟
ئۆزۈم تۈزگەن تۇنجى تىكىست ئوقۇدۇم رەپتىكى رەۋىشتە ،
گۈلزار سىزنى ياخشى كۆرىمەن قالماڭ ھەرگىز تەشۋىشتە .
بولسام دېڭىز ياكى يەردە ھەتتا ئۇچسام ئەرىشتە ،
بۇ ناخشىنى يازدىم سىزگە قەلبىمدىكى پەرىشتە ,
2020-01-01
RiTSAR
专辑信息
1.Gulzar