歌词
سەن ئۈچۈن ئوتقىمۇ كىرەي مەن دېڭىزغا ۋەسلىڭنى ئىزدەپ مەن دۇنيانى كېزەي
بىھۇش مەن تېنىڭدىن ھەىدىڭنى ئالسان لىۋىڭدىن ئەڭ ھۇزۇر زەمزەمنى ئىچەي
بېغىمنىڭ گۈلىبوپ باھاردا ئېچىلساڭ باغۋەن بوپ بىرئۆمۈر سەن بىلەن ئۆتەي
تۇزىساڭ يېپىلىپ يېقىلىپ قىشتا بەرگەڭنى قۇچاقلاپ باھارنى كۈتەي
جەم بولىمىز ھامان ھەممىسى دەپ بىلگىن ھەممىسى تەقدىرنىڭ سىنىقى ئىكەن
تۇرساملا ئەڭ يېقىن تۇتساملا قولۇڭنى مەيلىغۇ رازىمەن سانجىلسا تىكەن
ئىشقىڭدا ئوت بولۇپ لاۋۇلداپ كۆيدۈم شامالدا ئۇچقىنى بەرگەننىڭ كۈلى
تا بەت كۈتەي مەن پۈتكۈل بىر ئۆمۈردە يەنە بىر ئېچىلغىن بېغىمنىڭ گۈلى
گۈلشەنىم قەبلىگاھ سەنسىز
بۇ شەنىم سەۋدايى رەڭسىز
دەرگاھىڭ ئۇلتان بولسا بىر
پەرۋايىڭ سۇلتان ماڭا بىل
گۈلشەنىم قەبلىگاھ سەنسىز
بۇ شەنىم سەۋدايى رەڭسىز
دەرگاھىڭ ئۇلتان بولسا بىر
پەرۋايىڭ سۇلتان ماڭا بىل
ئايلاندە تەقدىرنىڭ چاقپەلكى تەتۈر كۈتكەيمەن ئاخىرقى تىنىققا قەدەر
كۈلۈشكىمۇ ئۈلۈشكىمۇ تىرىشتىم ئەمماسەن يوق دىيارنىڭ ھاۋاسى زەھەر
بۇلبۇل بولۇپ سايرايمەن ھەر كۈنى ھەر تۈن شائىر بولۇ توقۇيمەن سەن ئۈچۈن غەزەل
سەن يوق شاھ بۇلاي شاھانە كۆرپىدە سۇنسۇمۇ قوش قوللاپ ئىچمەيمەن ھەسەل
قارا غىشبوپ گۇماندا يېقىلدىم تۇماندا ئىشەنگىن بۇ سۆيگۈم ئەبەدىي ئەبەد
ئالماقىمۇ مەن ئۈچۈن ھارامدۇر نەپەس تاپمىسام گۈلۈمنى ئوقۇيمە لەنەت
ئايرىلدىم بېغىمدىن ئاتلاندىم داڭ ئۇرۇپ ئېتىلدى تاپان ۋە يىرتىلدى ئاياغ
سۈبھى ۋە شەپەقتە ئوقۇيمە ئاسمانغا نالە ئېيتقىنا لالە مەنزىلىم قاياق
گۈلشەنىم قەبلىگاھ سەنسىز
بۇ شەنىم سەۋدايى رەڭسى
دەرگاھىڭ ئۇلتان بولسا بىر
پەرۋايىڭ سۇلتان ماڭا بىل
گۈلشەنىم قەبلىگاھ سەنسىز
بۇ شەنىم سەۋدايى رەڭسىز
دەرگاھىڭ ئۇلتان بولسا بىر پەرۋايىڭ سۇلتان ماڭا بىل
专辑信息