歌词
تېخى
ھەيران بولما كۆرگەنلىرىڭگە
كۆرمىگەننى كۆرىسەن تېخى
ياراتمىساڭ ئاق ناننى بۈگۈن
زاغرا ئىزدەپ يۈرىسەن تېخى .
ياخشى بولساڭ ئامەت بېشىڭدا ،
يامان بولساڭ ئاپەت قېشىڭدا
ئىسسىق باسماي ئەتكەن ئېشىڭدا
كۆنمىگەنگە كۆنىسەن تېخى .
ئەقلىڭ ساڭا يول كۆرسەتكۈچە ،
بىر قولۇڭنى ئىككى ئەتكۈچە
ئىشىكىڭنى تەلەي چەككۈچە
تالاي خىيال سۈرىسەن تېخى .
ھەركىم بەلكىم سېخى مەرت ئەمەس ،
لېكىن دۇنيا تامام دەرت ئەمەس
كۈندە ئويناش مەڭگۈ شەرت ئەمەس ،
تالاي ئويلاپ كۈلىسەن تېخى .
不要惊奇,是你经历的不多,
今日不知粒米甘,明日为了滴水憾,
善有善报,恶终有恶果,
若有食蜜不知甜,定有苦日在眼前,
没有得到智慧,没有足够的能力,没有恰当的机遇之前,会在苦思冥想中度过,
贵人难遇,世间不只有苦难,但也不求喜中度日,苦尽自会甘来,
贵人难遇,世间不只有苦难,但也不求喜中度日,苦尽自会甘来,懂得知足,顺其自然
专辑信息