歌词
嗯咔斯INKAS:
شىرىن چۈشتىن ئويغىنىپ مەن كۈتىۋالدىم سەھەرنى
ئىللىق قۇياشتىن زوق ئىلىپ باشلىدىم مەن بۇ رەپنى
ئىزچىل مەندە كۈچىيۋاتىدۇ يۇرتۇمغا بولغان ھىسسىيات
مەدھىيلەيمەن قاغىلىقنى قارا قۇرۇمدىكى شەھەرنى
تونۇشتۇراي ئۆز يۇرتۇمنى نامى ئۇنىڭ قاغىلىق
چىن مىھىرنى تاپالايمەن ئۇنىڭ سىھرى ئارقىلىق
ئەمدىلىكتە ئىيتىۋالاي ئۈنلۈككىنە ۋارقىراپ
قاغىلىقنىڭ كۈيلىرى كەتسۇن يىراققا تارقىلىپ
ئەجداتلىرىم بەرپا قىلغان چىپاننىڭكى مىڭ ئۆيى
توختىماستىن ئاقماقتا تىزناپ دەريانىڭ سۈيى
ئۈزۈلمەيدۇ ھەرگىزمۇ ئىشچان خەلقىمنىڭ كۈيى
شۇڭا ئۆتتى كۈنلىرىم خۇشاللىقتا يىل بويى
كۈلكە چاقچاق ئاۋازى كۆڭۈللەر يايراپ
شوخ يىگىتنىڭ ساماسى مەشرەپلەردە قايناپ
بۇلبۇللارنىڭ ناۋاسى ئۈزۈلمەيدۇ بۇ يەردە
كەلگىن دوستۇم قاغىلىققا قىلايلى بىز تەنتەنە
Hook:Young-First
مىنىڭ يۇرتۇم گۈزەل قاغىلىق
سەندە قالدى ئەسلىمە بالىلىق
كەڭرى كەتكەن ياپيىشىل دالىلىق
بەكلا گۈزەل يۇرتۇم قاغىلىق
مىنىڭ يۇرتۇم گۈزەل قاغىلىق
سەندە قالدى ئەسلىمە بالىلىق
كەڭرى كەتكەن ياپيىشىل دالىلىق
بەكلا گۈزەل يۇرتۇم قاغىلىق
嗯咔斯INKAS:
كۈز پەسلىدە پىشىپ كەتسە قوغۇن تاۋۇز ۋە ئانار
قىزىل ئانار دانىسى نۇردا پارقىراپ يانار
ھەممىگە مەشھۇر بولغىنى قاغىلىقنىڭ ياڭىقى
ھەممە يۇرتقا تارالدى بۇ يۇرتۇمنىڭ داڭىقى
يۇرتۇمنىڭ قىزلىرى گۈزەل ھۆسۈن جامالى
يىگىتلەر چاڭ چىقاردى ئويناپ ئۇسسۇل سامانى
مەشرەپ دىگەن خەلقىمىزنىڭ ھەممە كۆڭۈل ئارامى
شۇڭا دەيمىز قاغىلىقنى ناخشا ئۇسسۇل ماكانى
ئىيىتقان ھەر بىر ناخشىسىدا تەكىتلىنەر ئۆملۈك
ئاۋازىڭلا بامۇ ھەي چىقسۇن ئاۋاز ئۈنلۈك
يىگىتلەردە ئايان بولار قەيسەرلىك ۋە جاسارەت
قىزلارغا ھەمراھ بولار ئەدەپ ئەخلاق پاراسەت
پىشايۋانلىق ھويلا قىززىپ كەتكەن تويلا
غەمنى چۆرۈپ تاشلىۋەتكىن خۇشال خۇرام ئوينا
ئاشۇ گۈزەل چاغلار چىمەنزارلىق باغلار
كەلگىن دوستۇم قاغىلىققا ھەممىسى ئىسىل باللا
Hook:
مىنىڭ يۇرتۇم گۈزەل قاغىلىق
سەندە قالدى ئەسلىمە بالىلىق
كەڭرى كەتكەن ياپيىشىل دالىلىق
بەكلا گۈزەل يۇرتۇم قاغىلىق
مىنىڭ يۇرتۇم گۈزەل قاغىلىق
سەندە قالدى ئەسلىمە بالىلىق
كەڭرى كەتكەن ياپيىشىل دالىلىق
بەكلا گۈزەل يۇرتۇم قاغىلىق
嗯咔斯INKAS:
يۇرتۇمنى كۈيلەۋاتىمەن تۇتتى رەپنىڭ خۇمىرى
ئاقكۆڭۈللۈك ئىناقلىق ئۇ خەلقىمنىڭ تومۇرى
خەلقىم نۇرغۇن ئىز قالدۇرغان قارا قۇرۇم باغرىدا
ھىچ نەرسىنى تەڭ قىلمايمەن ئانا يۇرتۇم ئالدىدا
ھەقىقىي گۈزەللىكنى قاغىلىقتىن تاپالايسەن
بۇ يۇرتتىكى ھىكايىنى ناخشىلارغا قاتالايسەن
كەلگىن دوستۇم قاغىلىققا خۇشال خۇرام يۈرەلەيسەن
كەلگىن دوستۇم قاغىلىققا گۈلدەك ئىچىلىپ كۈلەلەيسەن
Hook:
مىنىڭ يۇرتۇم گۈزەل قاغىلىق
سەندە قالدى ئەسلىمە بالىلىق
كەڭرى كەتكەن ياپيىشىل دالىلىق
بەكلا گۈزەل يۇرتۇم قاغىلىق
مىنىڭ يۇرتۇم گۈزەل قاغىلىق
سەندە قالدى ئەسلىمە بالىلىق
كەڭرى كەتكەن ياپيىشىل دالىلىق
بەكلا گۈزەل يۇرتۇم قاغىلىق
专辑信息
1.Yurtum Kaghilik