歌词
يېنىڭدا مەن يوق
ناخشىدا: نۇرئەلى مەمەت
تېكىستى: ياسىنجان مامۇت
مۇزىكىسى ياسىنجان مامۇت
ئاككورتلاشتۇرغۇچى مەردان مامۇت
ئىسىت دىدىم ئەقىدەمنى ھەجەپ خار قىلدىڭ
ئېيتىپ نا ھەق سۆزلەربىلەن يۈرەكنى تىلىدىڭ
كىچىپ مەندىن ئازاپلارغا مىنى يار قىلدىڭ
مىنى ئەسلەپ ئۈكۈنمىگىن يېنىڭدا مەن يوق
كىچىپ مەندىن ئازاپلارغا مىنى يار قىلدىڭ
مىنى ئەسلەپ ئۈكۈنمىگىن يېنىڭدا مەن يوق
مۇزىكا
تار بولدىغۇ بۇ كەڭ ئالەم ھېجرانىڭ بىلەن
زار بولدىغۇ چىن ئەقىدە ئىشقىڭدا ھەر دەم
ئويلاندىڭمۇ ئۆتكەن كۈننى ۋىجدانىڭ بىلەن
مىنى ئەسلەپ ئۈكۈنمىگىن يېنىڭدا مەن يوق
ئويلاندىڭمۇ ئۆتكەن كۈننى ۋىجدانىڭ بىلەن
مىنى ئەسلەپ ئۈكۈنمىگىن يېنىڭدا مەن يوق
مۇزىكا
مەجبۇر قىلدىڭ يات يۈرەكنى سۈيۈپ ئۆتۈشكە
مەجبۇر بولدۇم ئۆزگىلەردىن بەخىت كۈتۈشكە
مەجبۇر قىلدىڭ يات يۈرەكنى سۈيۈپ ئۆتۈشكە
مەجبۇر بولدۇم ئۆزگىلەردىن بەخىت كۈتۈشكە
تۇغۇلدۇممۇ بىلەلمىدىم ئازاپ يۈتۈشكە
خەيىر دىدىم كۈلۈپ ياشا يېنىڭدا مەن يوق
تۇغۇلدۇممۇ بىلەلمىدىم ئازاپ يۈتۈشكە
خەيىر دىدىم كۈلۈپ ياشا يېنىڭدا مەن يوق
خەيىر دىدىم كۈلۈپ ياشا يېنىڭدا مەن يوق
专辑信息
1.Yenigda Man Yok__Nurali Mamat