Dadamgha Xet

歌词
《 دادامغا خەت 》
给爸爸的信
خاتىرەمنى ئاچتىم يەنە ئۆرۈپ يېڭى بەتلەرنى ،
我打开了笔记本,又翻了新的页面。
قەلەم ئالدىم ئوڭ قولۇمغا دادامغا يازدىم خەتلەرنى .
我买了笔,我用右手给爸爸写了信。
تۆكۈۋەتتىم تىكىست ئىچىگە ئىچىمدىكى گەپلەرنى ،
我把心里的话倒进了歌词里。
قويۇۋەتتىم ئاسمىنىمغا « ئۆتمۈش » ناملىق كەپتەرنى .
我放了《过去》这只鸽子。
كىچىكىمدە مەھەللىدە بالىلار بوزەك ئەتكەندە ،
小时候在社区里孩子们欺负的时候,
چوڭ بولغاندا قىز دوستۇممۇ مىنى تاشلاپ كەتكەندە .
长大后我女朋友也抛弃我的时候。
كۆڭلۈم يېرىم بولاتتى ، كەمسىتىشكە ئۇچرىغاندا ،
我会伤心的,遇到歧视的时候,
يۈرۈكۈم ياشقا تولاتتى ، « دادا » سەن يادىمغا يەتكەندە .
我的心充满了眼泪,当我想起“爸爸”你的时候。
بىلمەيدىغىنىم بەك كۆپ ئىدى ، سەن ماڭا بىلدۈرەتتىڭ ،
我不知道的太多了,你会让我知道的。
ئەجىر قىلىپ ئىتىزلاردىن ئۇرۇقلارنى ئۈندۈرەتتىڭ .
你会付出心血从田地里种出种子的。
نەگە بارساڭ ئەگىشەتتىم ، ئۇنىماي قالساڭ تەگىشەتتىم ،
你去哪儿我就跟着你,你不愿意我就跟你。
جاھىل بولساڭمۇ ئاخىرىدا ۋېلسىپىتقا مىندۈرەتتىڭ .
就算你再固执最后也会让你骑自行车的。
ئەقلىمنى بىلسەم سەمىرىپ باقمىدىڭ ئورۇق بەدىنىڭ ئىسكىلىت ،
我知道我的智商,你没胖过,你瘦的身体是骨架。
ئۆيىمىزدىكى تۇنجى ماتورلۇق قاتناش ئۈچ چاقلىق موتسىكلىت .
我家的第一辆机动三轮车。
ئۇنى ھەيدەپ تاڭ يورۇماستا باراتتىڭ سەن قۇشخانىغا ،
你开着它天不亮就去屠宰场,
چۈش بولغىچە كىرا قىلىپ قاسساپلارغا گۆشخانىغا .
到中午的时候打车去屠宰场。
10,20 قوينىڭ گۆشىنى كۆتۈرۈپ ھارۋىغا باسقۇچە ،
把10,20只羊的肉抬到车上,
ئۇنى ئاپىرىپ گۆش دۇكىنىغا كانارغا ئاسقۇچە .
把他带到肉店去。
نەچچە يۈز قېتىم ئۇچلۇق تۆمۈر سانجىلغانتى قولۇڭغا ،
你的手被几百根尖锐的铁刺扎过,
تامچە-تامچە تەرلەر ئاققان قەدەم باسقان يولۇڭغا .
你的每一步都是一滴一滴的汗水。
چۈشتىن كىيىن بارار جايىڭ باشقا ئەمەس ئىتىزلىق ،
下午去的地方不是别的,是田地,
چۈنكى بىز شەھەرلىك ئەمەس تىگىمىزدىن يىزىلىق .
因为我们不是城里人,我们是乡下人。
ئىلىۋالىسەن بىرتال توقاچ بىلەن ئىسسىق چاينى ،
你会带上一块馕和热茶,
ئىشتاننىڭ ئاستىنى تۈرۈپ پېتىقلايسەن لاينى .
你把裤子下面卷起来,把泥巴弄碎。
يانچۇقتا پۇل بولسىمۇ ئاشخانىدىن تاماق يىمەيتىڭ ،
就算口袋里有钱你也不会在食堂吃饭,
كىيىمىڭ يىرتىلىپ كەتسىمۇ يېڭى كىيىم كىيمەيتىڭ .
衣服破了你也不穿新衣服。
خۇشال بولساڭ دەيتىڭ ئەمما ئازابىڭنى دىمەيتىڭ ،
你高兴的话会说,但是不会说你的痛苦。
سەۋەبىنى چوڭ بوپ بىلدىم كىچىكىمدە بىلمەيتىم .
我长大后才知道原因,小时候就不知道。
بەدىنى قاتقان ، جاپانى تاتقان ، ئىرادىسى گويا پولات-تۆمۈر ،
身体僵硬,受苦,意志似乎是钢铁,
ئائىلە ئەگەر مەش بولسا ، دادام ئۇنىڭ ئۈچۈن ئوتۇن-كۆمۈر .
家如果有炉子,爸爸就会为他烧柴火——煤。
تۇرمۇش بولسا يەتتە باشلىق يالماۋۇز ، مېنىڭ دادام چىنتۆمۈر !
生活是七头魔王,我的父亲是秦铁木尔!
شۇ جاپاكەش دادىلارغا تىلەيمەن مەڭگۈ ئۇزۇن ئۆمۈر !
祝那些辛苦的爸爸们永远长寿!
خاتىرەمنى ئاچتىم يەنە ئۆرۈپ يېڭى بەتلەرنى ،
我打开了笔记本,又翻了新的页面。
قەلەم ئالدىم ئوڭ قولۇمغا دادامغا يازدىم خەتلەرنى .
我买了笔,我用右手给爸爸写了信。
تۆكۈۋەتتىم تىكىست ئىچىگە ئىچىمدىكى گەپلەرنى ،
我把心里的话倒进了歌词里。
قويۇۋەتتىم ئاسمىنىمغا « ئۆتمۈش » ناملىق كەپتەرنى .
我放了《过去》这只鸽子。
كىچىكىمدە مەھەللىدە بالىلار بوزەك ئەتكەندە ،
小时候在社区里孩子们欺负的时候,
چوڭ بولغاندا قىز دوستۇممۇ مىنى تاشلاپ كەتكەندە .
长大后我女朋友也抛弃我的时候。
كۆڭلۈم يېرىم بولاتتى ، كەمسىتىشكە ئۇچرىغاندا ،
我会伤心的,遇到歧视的时候,
يۈرۈكۈم ياشقا تولاتتى ، « دادا » سەن يادىمغا يەتكەندە .
我的心充满了眼泪,当我想起“爸爸”你的时候。
قەھرىتان قىشتا ، پىژغىرىم يازدا ، جاپادىن قورقماي تىرىشتىڭ ،
在寒冷的冬天,在炎热的夏天,你不辞辛苦地努力,
تەقدىر-قىسمەت ئاچچىق بولسىمۇ ئۇنىڭ بىلەن قېرىشتىڭ .
命虽苦,你却与他作对。
گۆشنىڭ ھىدى كىپ تۇراتتى يانچۇقۇڭدىكى پۇللاردىن ،
你口袋里的钱散发着肉的气息。
زەخمە ئىزلىرى كۆرۈنەتتى ئاشۇ بىرجۈپ قوللاردىن .
从那双手可以看到受伤的痕迹。
ئۇنتۇمايمەن ئەسكىلەرنىڭ ساڭا قوپال مۇئامىلىسىنى ،
我不会忘记坏人对你的粗暴态度。
ئۇنتۇمايمەن ياخشىلارنى بىلمىسەممۇ فامىلىسىنى .
我不会忘记好的人,虽然我不知道姓。
پاراڭلىشاتتۇق سەن بىلەن بارماق تىلدا ئىشارەت ،
我们用手语跟你聊天。
بەلكىم بۇمۇ بىز بىلمىگەن ياخشىلىقتىن بىشارەت .
也许这也是我们不知道的好兆头。
جىنىم دادا مېنىڭ بەكلا ئاڭلىغۇم بار ئاۋازىڭنى ،
亲爱的爸爸,我很想听你的声音。
نىسىپ بولسا ھامان بىر كۈنى ئاڭلاتقۇم بار ئاۋازىمنى .
有机会的话总有一天我想让你听到我的声音。
تىل بىلەن دىيەلمىسەڭمۇ دادا بىزگە كۆيەتتىڭ ،
爸爸,就算你不能用语言表达,你也会爱我们的。
« دېھقان ئاتام » سەن مېنىڭكى تەبىئەتنى سۆيەتتىڭ .
《农民爸爸》你是我的爱大自然。
تېرەتتىڭ سەن خامان سورۇپ ئۇچۇپ كەتكەن بىر تال داننى ،
你会种一粒被扬场飞走的谷粒,
تېرەتتىڭ سەن بىز چېچىۋەتكەن بىرنەچچە تال ئۇۋاق ناننى .
你会捡起我们撒掉的几个碎馕。
ئائىلە ئۈچۈن تەر ئاققۇزدۇڭ ھەم كۆيدۈرۈپ جاننى ،
你为家庭付出了汗水,也燃烧了生命。
سۈپەتلەشكە ئاجىز كىلىمەن سەندەك ئۇلۇغ قەھرىماننى .
我无法形容像你这样伟大的英雄。
بىلىمەن دادا رەپلىرىمنى ھەرگىزمۇ ئاڭلىمايسەن ،
我知道爸爸,你绝对不会听我的话。
كىچىكىمدىن كۆيۈنىسەن-يۇ ئەمما قەتئىي داڭلىمايسەن .
你从小就关心我,但是你绝对不会夸我。
چۈنكى ئاڭلىيالمايسەن ، چۈنكى سۆزلىيەلمەيسەن ،
因为你听不到,因为你不会说,
ئىككى ئەزايىڭ مىيىپ بولسىمۇ قەلبىڭ ساق كىشىلەردىن ئۈستۈن !
就算你的两个器官有残疾,但你的心比健全人还强!
يىللار ئۆتۈپ ئاق سانجىلدى سېنىڭ قاپقارا چاچلىرىڭغا ،
年复一年的在你乌黑的头发上插上了白发。
سەپسالدىم ئاق كىرىپتۇ ساقال-بۇرۇت ، قاشلىرىڭغا .
我打量了一下你的胡子,你的眉毛。
تۇرمۇش سېنى ھالسىراتتى كەتتىڭ بەل-پۇت تىزلىرىڭدىن ،
生活使你筋疲力尽,从你的腰,脚,膝盖,
ساڭا يىتەلمىسەممۇ بېسىپ ماڭىمەن ئىزلىرىڭدىن .....
就算我赶不上你,我也会跟着你走的。
专辑信息
1.Dadamgha Xet