歌词
ئورۇنلىغۇچى :ھۈسەنجان ياسىن
تېكىسىت:ھۈسەنجان ياسىن
مۇزىكا:ھۈسەنجان ياسىن
ئاكورتلاشتۇرغۇچى:ھۈسەنجان ياسىن
مۇڭداش دىسەم سىرداش دىسەم
سىرداش ئىكەنسەن باشقىغا ،
بەرسەم يۈرەكتىن يول ئىچىپ،
يولداش ئىكەنسەن باشقىغا،
مۇڭداش دىسەم سىرداش دىسەم،
سىرداش ئىكەنسەن باشقىغا،
بەرسەم يۈرەكتىن يول ئىچىپ،
يولداش ئىكەنسەن باشقىغا،
سىنى ئايغا ئوخشۇتۇپ،
بوپتىمەن ئايدىڭغا گۇم،
سەن ئۈچۈن قاقسام قانات،
قونغاق ئىكەنسەن باشقىغا،
سىنى ئايغا ئوخشۇتۇپ،
بوپتمەن ئايدىڭغا گۇم،
سەن ئۈچۈن قاقسام قانات،
قونغاق ئىكەنسەن باشقىغا،
كۆيسەم ئوتۇڭدا كۈل بولۇپ ،
ئاقسام سۈيىڭدە ھۆل بولۇپ ،
شۇ ئىشىق دەرياسىدا ،
قولۋاق ئىكەنسەن باشقىغا ،
كۆيسەم ئوتۇڭدا كۈل بولۇپ ،
ئاقسام سۈيىڭدە ھۆل بولۇپ ،
شۇ ئىشىق دەرياسىدا ،
قولۋاق ئىكەنسەن باشقىغا،
ئەسلىدە ئويلاڭ ئىكەن،
دۇنياسى كۆپنىڭ ئالقىنى ،
ئاز سىتىپ پۇل تاپقىلى،
قۇنچاق ئىكەنسەن باشقىغا ،
ئەسلىدە ئويلاڭ ئىكەن ،
دۇنياسى كۆپنىڭ ئالقىنى ،
ئاز سىتىپ پۇل تاپقىلى ،
قۇنچاق ئىكەنسەن باشقىغا ،
نەپرىتىم بولدى قىيان ،
ئەقىدىلەر سالدى چۇقان،
سەن ئۈچۈن چالسام مۇقام،
مۇشۇنداق ئىكەنسەن باشقىغا ،
نەپرىتىم بولدى قىيان،
ئەقىدىلەر سالدى چۇقان،
سەن ئۈچۈن چالسام مۇقام،
مۇشتاق ئىكەنسەن باشقىغا،
سىنى ئايغا ئوخشۇتۇپ،
بوپتىمەن ئايدىڭغا گۇم،
شۇ ئىشىق دەرياسىدا،
قۇلۋاق ئىكەنسەن باشقىغا،
شۇ ئىشىق دەرياسىدا قۇلۋاق ئىكەنسەن باشقىغا
تېكىسىت تەھرىرى؛ دىليار تۇرغۇن
专辑信息
1.Baxkiga