歌词
ناخشىدا :ئابلەت ئاۋۇت
تېكىست :رۇزمەخمۇت مەمىتىمىن
كىمكى توسسا كۆز ئالايتتىم ئاق چىكىپ
ئۆينى خۇمداندەك پۇراتتىم ئاق چىكىپ
قايتارما
ئەسلى ۋەسلىمنى يوقاتتىم ئاق چىكىپ
گۈل ھاياتىمنى خوراتتىم ئاق چىكىپ
تېگى يوق پاتقاققا پاتتىم ئاق چىكىپ
ئۆز جېنېمغا ئوقنى ئاتتىم ئاق چىكىپ
تۇنجى رەت چەككۈزدى بىر تۇنۇش ئۇنى
بولدى چەكمەيچۇ دېسەم زورلاپ مىنى
بىرنى شوراپ سۈرىسەن جان پەيزىنى
ياشلىغىڭ چىچەك ئاچامتى ھەر كۈنى
دېسە شۇنداق ياندۇرالماي لەۋزىنى
ئاھ ھۇزۇرلانغانچە ياتتىم ئاق چىكىپ
مۇزىكا
چەكمىسەڭ كەلگەن خۇمار كەتمەيدىكەن
بىر چېكىشكە يۈز كويۇڭ يەتمەيدىكەن
ئىككى چەكمەي بىر كۈنۈڭ ئۆتمەيدىكەن
ئەپ ساتارلار كۈنسېرې ئەپلەيدىكەن
بىزنى شۇنداق يول بىلەن ئەپلەيدىكەن
ئەپلىنىپ بارىم يۇقاتتىم ئاق چىكىپ
چەكسەم غال غال تىترەيدۇ ئىتتەك پۇت قۇلۇم
قورسىغىمنىڭ ئاغرىقى ئاندىن زۇلۇم
بۇنى مەن كىمدىن كۆرەي ياھ ئۆز شورۇم
بىر قېتىم چەكمەك ئۈچۈن يەتمەي پۇلۇم
جىقلا پۇل تاپماق ئۈچۈن يوق توغرا يۇلۇم
خەنجىرىمنى پارقىراتتىم ئاق چىكىپ
مۇزىكا
تولغىنىپ ياتسام ئانام قان يىغلىدى
ۋە ئانامكى بارچە تۇققان يىغلىدى
گەپ سوراپ ھالىمنى ئۇققان يىغلىدى
قەۋمىللەتكە بۇلۇشتۇم ئاق چىكىپ
قوشنا قۇلۇم ئۇرۇغ تۇققان يىغلىدى
يۇرتقا چۇڭ ئاپەت تاراتتىم ئاق چىكىپ
دوسلۇرۇم مەن بەڭگىنى تېز قۇتقۇزۇڭ
مەيلى قانۇننىڭ قۇلىغا تۇتقۇزۇڭ
قايتارما
كەلسە بىر ئايلىق قاماق يىل ياتقۇزۇڭ
بارۋىگە ئىبرەت قىلىپ يا ئاتقۇزۇڭ
بولسا تاشلاشنىڭ يۇلىنى تاپقۇزۇڭ
ھەي ئىسىت مەن نىم قىلاتتىم ئاق چىكىپ
قايتارما
专辑信息
1.ak qikip ablat awut