歌词
dream سېنىڭ كۆرگەنلىرىڭ بولسا تاراننىڭ ھېكايىسى .
ھېكايە بىلەن سۆزلىمەكچى بولغىنىم باش پېرسوناژنىڭكى كىنايىسى .
بىر جاڭگالنىڭ بۆرىلىرى كېرەك ، بىر بىرسىنىڭ ھىمايىسى
چۈشۈڭدە كۆرگەن dirty * leading girlنىڭ سىمايىسى
قارا ، بېسىپ قالدىمۇ يوق . ئويغىنىپ كەتكىڭ بار ، چۈشۈڭدىن .
ئەمما ، خىتاب قىلىمەن ئويغىنىپ كەتمە ، قابىلراق بول كۈچۈڭدىن .
ئەمما ھېكايە باشلىنىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭغا كىرىش سـۆزىمۇبار
بەلكىم ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ئارىسىدا مۇھىم شەخسنىڭ ئۆزىمۇ بار .
سۆزۈم بار دەپ بىر ئېغىز كۆڭلۈڭدىكىنى كۆزۈڭ سۆزلەپ تۇرىدۇ .
سېنىڭ چۈشۈڭ مېنىڭ ھېكايەم بولغاچ تەسەللىرىم كۆڭلۈڭنى تۈزلەپ تۇرىدۇ .
بېشارەت بەرگەن چۈشۈڭنى سەن قارا باستى دەپ ئويلاپ يۈردۈڭ .
ئەمما گۇمان سالىدىغان يېرى سەن ئۇ چۈشنى قايتا قايتا كۆردۈڭ .
مەن كېچىپ ئۆتكەن كەچمىشلەرگە چۈشۈڭدە بېرىلگەن ئىزاھات .
مىسكىن كۆڭلۈڭنىڭ كۆزىگە قاراپ ئاسماندىن تىلىدىڭ بىر نىجات .
سەن ئۈچۈن مۇھىممۇ مەن دەپ سورىساڭ كۆزۈڭگە قارىماي دەيمەن شۇنداق .
قارا بېسىپ قالغان ئۈچىنچى شەخس قىزچاقنىڭ چۈشىدە كۆرگىنى مۇنداق .
سېنىڭ چۈشۈڭ بولسا مېنىڭ ھېكايەم .
your dream is my story
شاھزادە بىلەن مەلىكە خۇشال يۈرەتتى ھەر ۋاقىت .
نۇرغۇنلىغان ئارزۇلىرى بار ئىدى باشقىسى كۆڭۈلدىن ساقىت .
ياقۇت كۆزلۈك ئۈزۈك بەرگەن شاھزادە مەلىكىگە .
سەۋرچانلىق بىلەن تەييارلىق قىلدى شاھزادە توي مەرىكىگە .
ياتلىق بولۇشنى خالامسىز دەپ سورايدۇ شاھزادە ھەمىشە .
مەلىكە چىرايىدا تەبەسسۇم ئەمما كۆڭۈلدە بىر خىل ئەندىشە .
چۈنكى سەھەردە ئېچىلغان ئەتىر گۈل ئاللىبۇرۇنلا توزۇپ كەتكەن .
شاھزادە ئۈزەلمەي ئەتىرگۈلنى ھېكايىسىنى ھېس قىلىپ يەتكەن
مەلىكە سۇندى شاھزادىگە سولىشىپ كەتكەن ئەتىر گۈلنى .
توزىتىۋەتتى يېڭىلا ئۆچكەن تەشنا يۈرەكنىڭ كۈلىنى.
سۈكۈتتە قالغان شاھزادە روھى تېنىدىن ئاجرىغاندەك .
گاھىدا پەلەككە نالە قىلاتتى يۈرەككە بىر نېمە سانجىلغاندەك .
يىراققا كەتتى شاھزادە ، بۇ ھېكايە تامام بولدى .
چۆچۈپ ئويغاندىڭ سەن چۈشۈڭدىن كۆزۈڭ ياشقا تولدى .
شۇڭا كۆرگەن بۇ پاجىئەگە ناخشامدا خاتىمە بېرەي .
پۇشايماننى ئالىدىغان قاچاڭغا مەن تەسەللىي تېرەي .
سېنىڭ چۈشۈڭ بولسا مېنىڭ ھېكايەم .
Your dream is my story
专辑信息
1.Your Dream Is My Story