歌词
بارمىقىڭدا ساچىڭنى،
ئويناپ-ئويناپ ئۆتەرسەن.
پىراقىڭدا جانىمنى،
قىيناپ-قىيناپ ئۆتەرسەن.
ئەقلۇ ھوشۇم لال قىلىپ،
كۆڭلۈمنى مالال قىلىپ،
قارىمىسام مەن تامان،
قاراپ-قاراپ ئۆتەرسەن.
مەن ئىشقىڭدا سەمەندەر،
بىپەرۋاسەن شۇ قەدەر،
خىيالىڭدا نېمىلەر،
ئويلاپ-ئويلاپ ئۆتەرسەن.
كېتىۋېرىسەن تەمكىن،
تۇرۇپ قالىمەن غەمكىن،
ئىشقىمنى سېزىپ بەلكىم،
يايراپ-يايراپ ئۆتەرسەن.
كۆڭلۈڭ ئۇتسام بىر كۈنى،
يارىڭ قىلارسەن مېنى،
بۇلبۇل كەبى ئىسمىمنى،
كۈيلەپ-كۈيلەپ ئۆتەرسەن.