歌词
گۈزەلىم
تاھىر-زۆكرە مەجنۇن ۋە لەيلى
قەلبىم بېغىدا قىلىدۇ سەيلى
مەيلى كۆز يۇمسام دولقۇن ئارا
پەرھات كەبى شېرىن تۈپەيلى
ۋىسالىڭغا يەتكۈزگىن مىنى
زىنىقىڭغا مەي قۇيۇپ ئىچەي
چىن يۈرەكتىن سۆيمەككە سىنى گۈزەلىم
بىر جان ئەمەس مىڭ جاندىن كىچەي
گۈل پۇرايمەن ئەنبەر پۇرايمەن
سىنىڭ ئەشۇ تىنىقلىرىڭدىن
پاك مۇھاببەت سۆيگۈ سورايمەن
نازكىرەشمە قىلىقلىرىڭدىن
سۆزلىرىمگە ئىشەنگىن ئىشەن
ھەقىقەتكە ئىشەنگىنىڭدەك
بۇ كۆڭۈلنى چۈشەنگىن چۈشەن
ئۆز ئۆزەڭنى چۈشەنگىنىڭدەك