歌词
Darling
后期制作: Trouble-Taran
Hook:Yusup
كۆزۈمنىڭ قارىسى سەن ئۆزۈڭ قارىسى سەن .
بۇ يۈرىكىمنىڭ پارىسى سەن .
ئازابلىرىمنىڭ چارىسى سەن .
يار ~
كۆزۈمنىڭ قارىسى .
يۈرىكىمنىڭ پارىسى .
قەلبىمنىڭ خانىشى .
سەن ئۆزۈڭسەن .
Verse1:Trouble-Taran
قونچاقتەك ، ئۆزۈڭگە ئاشىق مەن .
مۇنچاقتەك كۆزۈڭگە ئاشىق مەن .
يۈرىكىمدىن سەن ئۈچۈن چىققان بۇ ئاۋازغا قۇلاق سال .
ناۋاتتەك سۆزۈڭگە ئاشىق مەن .
سېنى شۇنچە تەرىپلىگۈم بار تىلىم قىسقىدۇر
ئەمما مېنى شۇنچە قۇترىتىۋاتقان كۆڭۈل ئىشقىدۇر
ئاشىقسىز مەشۇقنىڭ ھەربىر كۈننى ھارام قىلسۇن .
شۇڭا مىنۇت سىكۇنت سېنى كۆڭۈل قىچقىرۇر
بالدۇر قىش كىرۇر، سەنسىز مۇھەببەتنىڭ بېغىغا .
مېنى چۆلگە تاشلاپ سەيلە قىلما خەقنىڭ تېغىدا .
مەيلىڭ بارمۇ يوقمۇ بىلەي دەپ كەلدىم شۇنچە يىراقتىن .
مەيلىڭ بولسا قوبۇل قىلغىن ئەلچى كىرگەن چېغىدا .
سۆيگۈنى بەرسەڭ ، بەختنى بەرسەم ، ئىشەنچىنى قوشۇپ تۇرۇپ .
كۆڭلۈمنى بايان قىلسام ئايان ، بەختكە مەنا توشتۇرۇپ .
قول قوشتۇرۇپ مۇھەببەتكە ئىللىق باقسام .
چىن سۆيگۈمنى ھېس قىلدۇرسام لېۋىڭگە لېۋىمنى ياقسام
Hook:Yusup
كۆزۈمنىڭ قارىسى سەن ئۆزۈڭ قارىسى سەن .
بۇ يۈرىكىمنىڭ پارىسى سەن .
ئازابلىرىمنىڭ چارىسى سەن .
يار ~
كۆزۈمنىڭ قارىسى .
يۈرىكىمنىڭ پارىسى .
قەلبىمنىڭ خانىشى .
سەن ئۆزۈڭسەن .
Verse2:Trouble-Taran
ئىشقىڭدا شەيىدا ئاشىق ھەييار بولدۇم مەن .
ھەر ۋاقىت پەيدا يېنىڭدا تەييار بولدۇم مەن .
مۇھەببەتنىڭ غايىبانە شەھىرىدە سەن ئۈچۈن .
سېنى ئايلىنىپ چۆگىلەۋاتقان مۇساپى سەييار بولدۇم مەن .
مۇھەببەتلىك تۇرمۇشۇمدا سېنى ئۆزۈمگە خانىش قىلسام .
ساڭا ئالەمچە سۆيگۈنى ھېس قىلدۇرۇشنى ئۆزۈمگە خاھىش قىلسام .
پارىژدا قىلسام دەيمەن ، سەن بىلەن شېرىن ئاي مۇراسىمىنى .
بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بېرىپ يوقاتساڭ مەندىكى ساراسىمىنى .
ئىسمىڭنى يۈرەككە مۆھۈر قىلىپ ، سېنى بەختنىڭ گۆھۈرى قىلىپ .
ئىشقىڭدا بىتاپ بولغان يۈرەككە بىر رەت ۋەسلىڭنى زۆرۈر قىلىپ .
بۈگۈندىن باشلاپ مۇھەببەتنامەڭگە مانا مەن يازاي بەختنى
بەختىمىزنىڭ خانىشى ئۈچۈن بىر قوللۇق قازاي تەختنى .
يەنىلا قونچاقتەك ئۆزۈڭگە ئاشىق مەن .
مۇنچاقتەك كۆزۈڭگە ئاشىق مەن .
يۈرۈكۈمدىن سەن ئۈچۈن چىققان بۇ ئاۋازغا قۇلاق سال .
ناۋاتتەك سۆزۈڭگە ئاشىق مەن .
End*
专辑信息
1.Darling