歌词
Tekist: Seypidin ezizi
Muzikisi: Tursun Qadir
ئەزىزانە دىيارىمنى زىيارەت قىلغىلى كەلدىم
我来参观我亲爱的家乡
قېنىم تامغان ماكانىمنى زىيارەت قىلغىلى كەلدىم
我来探望给我血肉的家乡
ئانام ئاق سۈت بىرىپ باققان، ئاتام نان تۇز بىلەن باققان
母亲用爱养育了我,父亲用他的严厉培养了我
قەدىردان قىبلىگاھىمنى زىيارەت قىلغىلى كەلدىم
我来探望把我敬爱的父母抱在怀里的家乡
ئوڭۇمدا ھەم چۈشۈمدە سېغىنىش ھېجرانى ئارمانى
日夜怀念,无比思念使人难熬
ئوڭۇمدا ھەم چۈشۈمدە سېغىنىش ھېجرانى ئارمانى
日夜怀念,无比思念使人难熬
سېغىنغان دوست – يارىمنى زىيارەت قىلغىلى كەلدىم
我来探望那些亲人和亲朋好友
«سۇتۇق بۇغرا »،« يۈسۈپ قادىر» بۇ ئەلگە پىشۋا بولغان
历史悠久的家乡经历过无数风雨
ئۇيغۇرلار روھى« بۇغرا»نى زىيارەت قىلغىلى كەلدىم
我来参观那宏伟的名胜古迹
ئۇلۇغ ئەجدات« يۈسۈپ»،«مەھمۇد» جاھانغا قۇد-بىلىگ چاچقان
《玉素甫》及《马赫穆德》等曾给人们传播智慧和道德
ئۇلۇغ ئەجدات« يۈسۈپ»،«مەھمۇد» جاھانغا قۇد-بىلىگ چاچقان
《玉素甫》及《马赫穆德》等曾给人们传播智慧和道德
بوۋاملار قەبرىگاھىنى زىيارەت قىلغىلى كەلدىم
我来拜见那些崇尚科学的历史伟人安息的故土
كېتىپ جۇد بۇ دىيارلارنى قۇياش نۇرىغا چۈمدۈردى
如今阳光明媚洒落于家乡的每一寸土地
گۈلىستان بۇ باھارىمنى زىيارەت قىلغىلى كەلدىم
我来欣赏家乡之这般美丽春天
مۇقام شەيداسى ئۇيغۇرلار قۇرۇپتۇ ساز يېڭى مەشرەپ
热情好客的父老乡亲们欢乐中跳起了“麦西来甫”
ھېيتگاھنىڭ ساماسىنى زىيارەت قىلغىلى كەلدىم
我来见证艾提尕尔广场人们幸福快乐的萨马舞
ھېيتگاھنىڭ ساماسىنى زىيارەت قىلغىلى كەلدىم
我来见证艾提尕尔广场人们幸福快乐的萨马舞
ساما خۇشتارى« ئەزىزى» ئەيلىگىن پەرۋاز ساما ئىچرە
哎,赛福鼎!你也跳起欢乐的舞蹈来
بۈگۈن زۆھراغا بايرامنى بايانات قىلغىلى كەلدىم
我来向世人宣告我家乡今天之富裕安康幸福
بۈگۈن زۆھراغا بايرامنى بايانات قىلغىلى كەلدىم
我来向世人宣告我家乡今天之富裕安康幸福
专辑信息