歌词
cover;Number
混音;Number&Rapper-KaHaR
V1;
ھەممە ، دەيدۇ چىدامچانلىقنى باتۇرلۇقنىڭ ئۈلگىسى
全都说 耐受性是勇气的例子
باتۇرلۇقنى غايىپ قىلدى يېقىنلىرى كۈلكىسى
他们的自嘲笑被失去我都勇敢
جىمجىتلىق بىلەن تەڭ ئاڭلايدۇ ،شامال مەندىكى پىغاندا .
风在安安静静的听着我的衷苦
مەن چۈشەنسۇن دەپ تۆكۈپ بەردىم يالغانلارغا يىغامنى .
为了他们的了解我 我在他们前哭着
بەلكىم مەن خاتا قىلدىم مەنمۇ ئىشلارنىڭ ۋاقتى باردۇر .
可能是我过错,但都事情有结束的时刻
ۋاقىتقا بەك ئىشەنسەم ، كەلگۈسۈم مېنى ساقلىمايدۇ .
可是相信这个时间 我为了等不了我
تۇرمۇشۇمغا بۇرۇن كىرىپ چىقىپ كەتكەنلەرنى كەلتۈرمەيمەن .
以前进来再出去我生活的人 我不想再叫她们
نېسىپ بولمىغان بەختتىن تاما يوق ئۆزۈمنى ئالدىمايمەن .
不属于我的辛福我不要,我不想骗了自己
بۇرۇن باراقسان كۆچەتتىم مەن ھازىر بولدۇم قاقشال .
我以前是个壮观的树 可是现在当个槁木死树
مۇكەممەللىككە ئىنتىلىۋاتىمەن ئۈزۈلمەيدۇ ناخشام
我想当整个体 所以我的心音永远不会停止
يوپۇرماقلىرىم ئۇچۇپ كەتتى مېھىرلىرىمۇ چېچىلغاندەك .
我的叶子都飞去了 只我自己孤独的留
ئۆزۈمنى يالغۇز ھېس قىلىۋاتىمەن غەمگە ئازاب قېتىلغاندەك
感觉很孤独 像痛苦再加恨一样
پەسىل ئالماشقاندۇ دەپ ئۆزۈمنى مۇشۇنداق بەزلەۋاتىمەن .
我安慰自己 只有换季节
كۈلكە بېرىدىغان ياز پەسلىنى تەقەززا بىلەن ساقلاۋاتىمەن .
我一直在等可以给我微笑的夏天
ئۆزۈمگە دەيمەن بولدى قىل ، سەن ھەممە ئىشلاردىن توختا .
给自己说 都算了 停止这些事情
تىرىشچانلىقنى توختاتما ، لېكىن بېسىملاردىن قورقما .
不要停止努力 不要再怕痛苦 都会过去
hook;number
ئۆزۈمگە دەيمەن باتۇرلۇقنى قورال قىل ئۆزۈڭگە
想给自己说 这生活中一定当个勇敢的英雄
ئەركەكتەك ياشا ياش ئالما ھەرگىزمۇ كۆزۈڭگە
像个男子汉一样活着 不要再哭
غەملەرگە كۆن ۋاقىت بىلەن كېتىدۇ ، قايغۇمۇ .
把所有的拖累你会过去 时间都会告诉你
دەس تۇرغان ھاياتتا سەن ئېلىپ قاچمىغىن ئۆزۈڭنى .
站起来吧。你自己去面对
V2;Rapper-KaHaR
يالغۇز قېلىپ ھېس قىلىۋاتىمەن غەم ئازابقا قېتىلغاندەك
当我独自一人 总是很难过
گاھىدا ئېچىپ كۈلۈپ قويدۇم بەختنىڭ تەمىنى تېتىغاندەك
有时候 我也会强颜欢笑
بىلمىدىم مەن نېمىشقا ئۇ يېنىمدىن كېتىپ قالدى
我不知道 为什么 她离我而去
دەرد ئازابنى ماڭىلا قىلدۇرۇپ كۆزۈمنى ياشلىدى
她把所有的痛苦 留给了我
بۇ تۇرمۇشتىن راستنى دېسەم زېرىكتىم
说真的 我厌倦了这种生活
ئۇ قىزنىڭ كۆڭلىدە مەن ھېچ نېمىگە ئەرزىمەيتتىم
在她心里 我什么都不是
تىمتاس كېچە يالغۇز ئولتۇرۇپ يورۇقلۇققا تەلمۈردۈم
深夜 我多么希望她在我身边
تۇرمۇشتىكى غەم قايغۇنى بېسىملارنى كۆتۈردۈم
我独自承受了生活中的压力
كەچ بولدى كەت بولدى ئۆزۈمنىمۇ زورلىمايمە
你走吧 我不会再折磨自己
ئۇچۇرغانچە ئادەمگە دەرت ئازابنى تۆكمەيمە
我不会向别人诉苦
چىن كۆڭلۈمنى بەرگىنىم كۆيۈنگىنىم خاتامۇ
难道我真心爱你 在乎你 有错吗
ئۆزۈم بىلىمە قانداق ھالغا چۈشۈپ قالدىم قايتىپ كەلسەڭ بولمامدۇ
只有我自己清楚 自己多么难过
كۆزۈمدىن ياشلار ئاقتى سۆيگۈنۈمدىن ئايرىلغاندا
她离开我后 我忍不住 留下了眼泪
كەينىگىمۇ قارىمىدى ئارقىسىدىن قوغلاپ ماڭغىنىمدا
我在她后面追着 她压根儿就没有回头
چىن كۆڭلۈم بېرىش راستلا ئەرزىمەيدىكەن
对她付出真心 现在发现 真的不值得
كېچىدىكى تىمتاسلىق پەقەت ماڭىلا مەنسۇپكەن
只有孤独陪着我
hook;number
ئۆزۈمگە دەيمەن باتۇرلۇقنى قورال قىل ئۆزۈڭگە
想给自己说 这生活中一定当个勇敢的英雄
ئەركەكتەك ياشا ياش ئالما ھەرگىزمۇ كۆزۈڭگە
像个男子汉一样活着 不要再哭
غەملەرگە كۆن ۋاقىت بىلەن كېتىدۇ ، قايغۇمۇ .
把所有的拖累你会过去 时间都会告诉你
دەس تۇرغان ھاياتتا سەن ئېلىپ قاچمىغىن ئۆزۈڭنى .
站起来吧。你自己去面对
专辑信息
1.Ozemge Deymen