歌词
ئىنتىزار
دېرىزەڭدە بىر چىراق
يانار ھامان پىرىلداپ
ئەتراپىدا پەرۋانە
جەۋلان قىلار ، پىرقىراپ
سېنى كۈتۈپ سېغىنىش
دولقۇنىنىڭدا ئاقىمەن ،
ئۆي تېمىڭنى ياقىلاپ
دېرىزەڭگە باقىمەن
ئەنە شورلۇق پەرۋانە .
چىدالماستىن پىراققا
ئۆلدى كۆيۈپ كۈل بولۇپ
ئۆزىنى ئېتىپ چىراغقا
كۆرگەن بولساڭ ، گەر شۇنى
چاپسان چىققىن يېنىمغا
پەرۋانىنى كۆيدۈرگەن
ئوتنى سالما جېنىمغا
期盼
你房间的灯光,
不停的发光。
周围有飞蛾
不停的撞上。
我已经爱上了你,
等待着你的消息。
常常去你的街头,
偷偷看你的窗户。
苦命的一个飞蛾,
爱上了灯的光芒,
不顾一切撞在灯上,
瞬间被烧成灰烬。
如你看了它的悲剧,
快点出来了吧。
如我再看不到你
我的命会比它更惨。