歌词
3Pede
Trouble-Taran/Young-Xamxy/New-Problem
Hook:Trouble-Taran
ئۆگزەڭدە كەپتەر بالىخان داننى جىق سېلىپ بەر .
تاماكاڭنى چەكمەيمەن ، ماڭا يارىمنى تېپىپ بەر .
ئاينىڭ بالىسى كۈننىڭ بالىسى كۆرۈۋالمىسام بولماس .
ياخشى يارنى تاپقاندا سۆيۈۋالمىسام بولماس .
Verse:Trouble-Taran
ئاينىڭ بالىسىمۇ سەن ياكى كۈننىڭ بالىسىمۇ سەن،
پەرۋايىم يوق مېنىڭكى قولغا كەلتۈرسەملا مېنىڭ بولىسەن،
كەينىڭدىن قوغلاپ ئاقسۇغا يەتسەم ئىندەككە كەلتۈرۈپ غۇلجىغا كەتسەم .
ئاتاڭنى رازى قىلىپ ئارمانغا يەتسەم ، ئامال يوق ياتلىق بولىسەن .
تەقدىرىڭگە بويسۇنمايمەن ، مەغلۇبىيەتكە قول سۇنمايمەن .
ئۇنىمىغىنىڭغا مەن ئۇنىمايمەن ، تەلەپلىرىڭنى تونۇمايمەن .
ئاخماق قىلىپ ياخشى كۆرىمەن دەپ قويسا خەقنىڭ ، گېپىگە شۇنچە تىز ئىشەندىڭمۇ .
ئەجەب قىلدىڭ دېمەيمەن ، ھامان بىر كۈنى ئەجەب قىلىپتىكەن دەپ قالىسەن چۈشەندىڭمۇ ؟
پۇشايماننى دۈشمەن قىلماي ، كەلگۈسىڭنى ئويلاشقىن،
ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز قويۇپ بولدى مەن بىلەن تويلاشقىن .
ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرىغىچە سەن بىلەن ئۆتەي .
كەلگۈسىڭگە يولۇچى بولۇپ بىر سېنىلا كۈتەي .
Hook:Young-Xamxy
ئاپاق ، ئاپاق ، توشقانلار سايدا ئوينايدۇ .
ئۆيلەنمىگەن ياش يىگىتلەر تويدا ئوينايدۇ .
تويدا ئوينايدۇ، تويدا ئوينايدۇ،
قېشىڭىز قارا چېچىڭىز ئۇزۇن ھالىمغا باقساڭچۇ .
Hook:Trouble-Taran
يارى بارلار ئوينايدۇ بىر بىرىگە قارىشىپ ۋاي قارىشىپ .
يارى يوقلار ئولتۇرىدۇ ، ئوغرى مۈشۈكتەك مارىشىپ ۋاي مارىشىپ
. يارى بارلار ئوينايدۇ بىر بىرىگە قارىشىپ ۋاي قارىشىپ
يارى يوقلار ئولتۇرىدۇ ، ئوغرى مۈشۈكتەك مارىشىپ ۋاي مارىشىپ.
End*
专辑信息
1.3Pede