歌词
Aylale
Hook:Trouble-Taran/SIFIR
ئاي لالە ، گۈزەل لالە .
سېنىڭ ئىشقىڭدا مەن پەرۋانە .
ئاي لالە ، گۈزەل لالە .
سېنىڭ ئوتۇڭدا مەن ۋەيرانە .
Verse:SIFIR
ھەي ، ئاداش ، گېپىمنى ئاڭلا .
ئۇ قىزچاقنىڭ كۆڭلىدە مەن بار .
چاقچاق ئەمەس ، كۆڭلۈمدە سان بار .
ئالدىرىمىساڭ قولداشقا سەن بار .
Verse:Trouble-Taran
قولداشقا مەن بار ، مۇھەببەتتە تەم بار .
دادىسىنى قايىل قىلىمەن ، كاللىدا پەم بار .
ساڭا مەن بار ، ماڭا سەن بار .
قوش توي قىلساق قوش بەختكە قولداش بولساق ئەمما .
Hook:Trouble-Taran/SIFIR
ئاي لالە ، گۈزەل لالە .
سېنىڭ ئىشقىڭدا مەن پەرۋانە .
ئاي لالە ، گۈزەل لالە .
سېنىڭ ئوتۇڭدا مەن ۋەيرانە .
Verse:Trouble-Taran
قىزىڭنىڭ رايىغا باقساڭچۇ باي .
ناۋادا كۆڭلۈڭگە ياقسامچۇ باي،
بەرمىسەڭ باشقىچە چارە تاپاي .
مۇھەببەتنىڭ قۇدرىتى بىلەن قىزىڭنى ئالسام .
بەختىمىزگە شاھىد قىلىپ ئالتۇن ئۈزۈك سالسام .
باي ھويلاڭدا تەنتەنىلىك توي ناخشىسى چالسام .
ئاي قىزىڭنى تاپشۇرامسەن ئەلچى ئېلىپ بارسام .
قىزىڭ رازى بولۇپ كەلسە يەنە نېمە دەسەن ؟
مۇھەببەتنىڭ مەنىسى شۇ بەختىمىزنى بەرسە .
قىزىڭ ئۈچۈن كېرەك بولسا ، يۇلۇپ بېرەي ئاينى .
زۆرۈر بولسا جاپا چېكەي . تاللىمايمەن ساينى .
مەھەللەڭنى ئەگىپ يۈرسەم ، قىزنى بىر رەت كۆرۈش كويىدا .
گۈزەل ئويدا، ئۆستەڭ بويىدا .
مەن قىزىڭغا مەڭگۈ يولداش بولاي سۆيگۈ يولىدا .
قىزنىڭ بەختكە ئېرىشىدۇ ، مەلىكىنىڭ رولىدا .
Hook:Trouble-Taran/SIFIR
ئاي لالە ، گۈزەل لالە .
سېنىڭ ئىشقىڭدا مەن پەرۋانە .
ئاي لالە ، گۈزەل لالە .
سېنىڭ ئوتۇڭدا مەن ۋەيرانە .
Verse: SIFIR
توغرا دېدىڭلار ، مەن گاداي .
ئۇ قىزچاقنىڭ دادىسى بەك باي .
ئەلچىلەرنى مەن سالغىنىم سالغان .
ھەي ، باي قىزىڭنى ئالغىنىم ئالغان!
مەيلى باي بول مەيلى ئاي .
كۆزۈم چۈشتى چۇقۇم ئالىمەن .
مەيلى باي بەرمىسە ۋاي .
ئەتە قىزىڭنى ئېلىپ قاچىمەن .
كەتمەيمەن مەھەللەڭدىن مۇرادىمغا يەتكۈچە .
دۈشمىنىم سەن قىزىڭ ماڭا تەگكۈچە .
تويىمىزغا بەخىت تىلە ، ئوغلۇڭ بولاي .
ماقۇل دېگىن ، مەن خوش بولاي .
ۋەدە بېرەي تويۇمدا سېنىڭ قىزىڭ ئولتۇرىدۇ تۆردە .
يېڭى ئۆيدە، يېڭى كۈيگە،
يېڭىچە ئوي . باي بولدى قوي .
كېلە لەرزان ئۇسۇل ئويناپ بۈگۈن مانا توي .
Hook:Trouble-Taran/SIFIR
ئاي لالە ، گۈزەل لالە .
سېنىڭ ئىشقىڭدا مەن پەرۋانە .
ئاي لالە ، گۈزەل لالە .
سېنىڭ ئوتۇڭدا مەن ۋەيرانە .
END*
专辑信息
1.Aylale