歌词
مايسىلار
ناخشىدا: ئالىيە مامۇت
♪
ياپيېشىل مايسىلار گۈلشەن ئارا
گۈلگە دەرتمەن بۇلبۇل كېلىپ سايرىغاندا
ياپيېشىل مايسىلار گۈلشەن ئارا
گۈلگە دەرتمەن بۇلبۇل كېلىپ سايرىغاندا
نازلىنىپ لەۋلىرىڭنى چىشلەپ تۇرۇپ
ئاھ جېنىم دەپ ئېسىلغىنىڭ ئېسىڭدىمۇ
نازلىنىپ لەۋلىرىڭنى چىشلەپ تۇرۇپ
ئاھ جېنىم دەپ ئېسىلغىنىڭ ئېسىڭدىمۇ
♪
تۇتقىنىمدا يۇمشاققىنا قوللىرىڭنى
ئەگكىنىمدە ئەۋرىشىمدەك بەللىرىڭنى
تۇتقىنىمدا يۇمشاققىنا قوللىرىڭنى
ئەگكىنىمدە ئەۋرىشىمدەك بەللىرىڭنى
مۇھەببەتنىڭ يالقۇنىگە چىدىيالماي
دېمەڭ جۇمۇ دېگەنلىرىڭ ئېسىڭدىمۇ
مۇھەببەتنىڭ يالقۇنىگە چىدىيالماي
دېمەڭ جۇمۇ دېگەنلىرىڭ ئېسىڭدىمۇ
♪
باغمۇ-باغ گۈلشەن ئارا سەيلە قىلىپ
چاكاندا ئۆسكەن قۇملۇقلاردا سۆرەپ يۈرۈپ
باغمۇ-باغ گۈلشەن ئارا سەيلە قىلىپ
چاكاندا ئۆسكەن قۇملۇقلاردا سۆرەپ يۈرۈپ
مۇھەببەتنىڭ يالقۇنىگە چىدىيالماي
ئاھ جېنىم دەپ ئېسىلغىنىڭ ئېسىڭدىمۇ
مۇھەببەتنىڭ يالقۇنىگە چىدىيالماي
ئاھ جېنىم دەپ ئېسىلغىنىڭ ئېسىڭدىمۇ
ئاھ جېنىم دەپ ئېسىلغىنىڭ ئېسىڭدىمۇ
♪