歌词
ئۆزەڭدە يوق ئالەمدە يوق،
ھالال ئەمگەك بىلەن سەن توق،
يۈرسەڭ ئەگەر خام خىيالدا،
پۇرسەت كەلگەن ئامەتمۇ يوق.
شىكايەتكە ھەمراھ بولما،
دۈشمەنگە ھەم پاناھ بولما،
دانالاردىن يىراق بولما،
سەندە بولسا ئالەمدە يوق.
قالالمايسەن مەڭگۈ ياشاپ،
ئاتا-ئاناڭ يۈرەر قاقشاپ،
قېرىندىشىڭ قول-قاناتىڭ،
ئۇلار كەتسە ئالەمدە يوق.
جان قېرىنداش قول-قاناتىڭ،
ئۇلار كەتسە ئالەمدە يوق.
专辑信息
1.ئۆزەڭدە يوق ئالەمدە يوق