歌词
ئوغۇل:
مەن سىنى كۆرگەن شۇ كۈندىن بېرى،
بارلىقىمنى ئاتىغان ساڭا.
يۈرەكتە ئىشقى ئوتۇڭ ياندى،
پاك سۆيگۈڭنى بىرەمسەن ماڭا.
قىز :
رەت قىلاي مەن قانداق سىنىڭ سۆيگۈڭنى،
مەنمۇ ئوخشاش كۆيىمەن ساڭا.
ئويلايمەن ۋاپادار يارىڭ بولۇشنى،
ئۆتەلەمسەن سادىق بولۇپ ماڭا.
ئوغۇل :
ساڭا بولغان سۆيگۈم چىندۇر،
ساداقىتىم ئوتلۇق يۈرەكتىدۇر.
سىنى مەڭگۈ سۆيۈپ قەدرىلەپ ئۆتۈش،
دىلىمدىكى ئارمانىمدۇر.
ئوغۇل - قىز :
ھايات سۆيگۈ بىلەن گۈزەل، سۆيگۈ مىھىر ـ ۋاپا بىلەن گۈزەل.
سەن ماڭا، مەن ساڭا ۋاپادار بولساق، كەلگۈسىمىز بەختىمىز گۈزەل.
专辑信息
1.Guzel Qiz
2.Kelmiding
3.Tenha
4.Dertlirimni Sorap Qoy
5.Mening Yarim
6.Kutush
7.Untush
8.Bextimiz Guzel
9.Manga Ishen
10.Aldiding
11.Bu Hayat
12.Atam
13.Soygunum
14.Biwapa