歌词
Artis:Flame/Kuyiqap
Mix:Rakam
V1:Flame
I love you me
سىزنى ئاددىي مەلىكە دېمەيمەن ، قەلبىمدە سىز پەرىشتە.
خىيالىمدا كۆڭلۈمدە ئۇچۇپ يۈرۈيسىز ھەمىشە
لېكىن تۇتالمىدىم ئۇچتىڭىز بەكلا يىراقلار.
ئەسلىشىم سىزنى سۆيۈشۈم بىلەنلا ۋارىقىمغا چۈشتى ، بىراقلا
ئوغرى شۇنداق مەيۈسلەندىم ، ئاڭلىغۇم كەلدى سۆزىڭىزنى.
قايتا قايتا.كۆرگۈم كەلدى ، بىر جۈپ ئوماق كۆزىڭىزنى
ئاڭلاڭ ، جېنىم جېنىم.......
كۆڭلۈمدە پەقەت سىزلا بار ، ھەر ئىرادەم ئاجىزلىغاندا بىر خىل سېھىر سىز ماڭا
يۈرۈكۈمگە تەگدى ئەسلا ئىشىنەمسىز سۆزۈمگە.
كۆيگۈم.كېلىدۇ ، كۆرگىنىمدە سۆيگۈم كېلىدۇ يۈزىڭىزگە
بەزى چۈشۈمگە كىرگىنىڭىزدە مەڭزىڭىزگە سۆيىمەن.
كۆزۈمنى ئاچسام ، بۇ چۈشىنىڭكى غايىب بولۇشىدىن قورقىمەن
بەلكىم دۇرمەن كەينىمىزدە،كىرگىلى قويۇڭ ، كەينىڭىزگە
كۈلكىڭىزگە ئايلانغاندا ، ئەڭ يېقىن سىزنىڭ ئادىمىڭىزگە
ساقلايمەن سىزنى ھەر كۈنى كەچتە خىيال دۇنيا چۈشۈمدە.
سىزنى سۆيىمەن ، ئىشنىڭ مۇشۇ ئاددىيغىنە سۆزۈمگە
Hook:Kuyiqap
ئىشەنگىن ، سۆزلىرىم كۆزلىرىمگە
سۆيىمەن سېنىڭ ئوماق يۈزۈڭگە
چۈشلىرىمدە سەن بىلەن بىرلىكتە
ئۆتكۈزگەن گۈزەل مىنۇتلارنى مەن.
ۋەي ، كىمۇ؟
مەن تونۇدىڭىزمۇ؟
تونۇمىدىڭىزمۇ ؟ ھېلىقى كۈندىكى بالىچۇ؟
ھە ، سىز ھېلىقى
بار ، يۈرىكىمنىڭ قېتىدا ساقلانغان گۈزەل بىر قىز.
ئۇ دەل سىز سىز بىلەن قالدۇرغۇم بار نۇرغۇن ئىز
ۋىجدانىمدىن سوراپ بېقىڭ ، باشقا بىرسىغا كۆيدۈممۇبىلمەيمەن . سىزنى كۆرگەندىن بېرى كۆيدۈممۇ يا كۆندۈممۇ؟
بار ، كۆڭلۈمدە سىزگە مەنسۇپ بولغان بىر ئورۇن.
گەرچە بۇ ئورۇن بولمىسىمۇ رەڭگارەڭ سورۇن.
كەچۈرۈڭ ، بېرەلمىدىم ، سىزگە خۇشپۇراق ئەتىرگۈل.
لېكىن سىزگە بەرگىلى بولسا تۇزماس ساپ كۆڭۈل.
توغرا ، مۇكەممەللىك يوق ، بۇ بىر ھەقىقەت.
گەرچە يېنىمدا بولمىسىڭىزمۇ سىزنى سۆيىمەن تا ھە بەت.
ھەر كۈنى كەچتە ماڭا ھەمراھ ، ئوماق چۈش ىكەن سۈرىتىڭىز.
كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ ، ئۇ ئوماقلىق چىققان سۈلىتىڭىز؟
كېچىسى ئاسماندا چاقنىغان سىز مېنىڭ ئوماق يۇلتۇزۇم.
ماڭا يورۇقلۇق ئاتا قىلدىڭىز ، سىز مېنىڭ ئوماق قوندۇزايۇم
قولىڭىزنى تۇتۇپ ماڭا چۈش بولسا ياكى خىيالىم.
بۇ مۇھەببەت ئۇچقۇنىغا مەنسۇپ بولسۇن ، نىدايىم
Hook:Kuyiqap
ئىشەنگىن ، سۆزلىرىم كۆزلىرىمگە
سۆيىمەن سېنىڭ ئوماق يۈزۈڭگە.
چۈشلىرىمدە سەن بىلەن بىرلىكتە.
ئۆتكۈزگەن گۈزەل مىنۇتلارنى مەن
I love you me.
专辑信息
1.Hiyalim