歌词
ئەجەب بىر بالا ئىكەن ئۇ
يەر ئاستىدىن قارايدۇ
كېتىپ بارسام يولۇمغا
قىيا كۆزدە قارايدۇ
ئەجەب بىر بالا ئىكەن ئۇ
يەر ئاستىدىن قارايدۇ
كېتىپ بارسام يولۇمغا
قىيا كۆزدە قارايدۇ
مېنى كۆرسە قىزىرىپ
ئېلىپ قاچىدۇ كۆزىنى
ئېلىپ قاچىدۇ كۆزىنى
ئەمما بىلىپ بولدۇم مەن
ئېيتالمىغان سۆزىنى
نېمانچە قىينىلىپ
قىلمايدىكىن گېپىنى
قىلمايدىكىن گېپىنى
قورقماي كەلسە بولمامدۇ
ئېچىپ يۈرەك سىرىنى
ئەجەب بىر بالا ئىكەن ئۇ
يەر ئاستىدىن قارايدۇ
كېتىپ بارسام يولۇمغا
قىيا كۆزدە قارايدۇ
ئەجەب بىر بالا ئىكەن ئۇ
يەر ئاستىدىن قارايدۇ
كېتىپ بارسام يولۇمغا
قىيا كۆزدە قارايدۇ
كاشكى ئوتلۇق قەلبىمدىن
سىر بەرمىگەن بولسامچۇ
قانچە كۆيسەم ئىچىمدە
چاندۇرمىغان بولسامچۇ
كاشكى ئوتلۇق قەلبىمدىن
سىر بەرمىگەن بولسامچۇ
قانچە كۆيسەم ئىچىمدە
چاندۇرمىغان بولسامچۇ
جىم جىم يۈرۈپ قىينايدۇ
ئۆزىنىمۇ مېنىمۇ
ئۆزىنىمۇ مېنىمۇ
ئۇنىڭ قورقاق ئاغزىنى
ئاچالار كىم نېمىمۇ
ئاھ بىچارە ئۆزۈڭ بىر
ئامال تاپقىن بۇنىڭغا
ئامال تاپقىن بۇنىڭغا
لېكىن ھەرگىز مەن ئاۋۋال
بارالمايمەن يېنىڭغا
​كاشكى ئوتلۇق قەلبىمدىن
سىر بەرمىگەن بولسامچۇ
قانچە كۆيسەم ئىچىمدە
چاندۇرمىغان بولسامچۇ
​ئەجەب بىر بالا ئىكەن ئۇ
يەر ئاستىدىن قارايدۇ
كېتىپ بارسام يولۇمغا
قىيا كۆزدە قارايدۇ
​كېتىپ بارسام يولۇمغا
قىيا كۆزدە قارايدۇ
专辑信息
1.Kiz Koxki